شۋېتسارىيە بولسا يۇقىرىقى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىككە تەھدىت يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۇي پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي - شۋېتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
"بۇ قارار جۇڭگو - شۋېتسارىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن ما جاۋشۇي، گۈەنتانامودىكى بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بولسا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، شۋېتسارىيىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلىپ، خىتاينىڭ تىنىمسىز بېسىمىغا قارىماي بۇ ئىككى كىشىنى قوبۇل قىلغانلىقى پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتلىك،" دەپ كۆرسەتتى.