خىتاينىڭ سىرلانكىغا قۇرۇپ بەرگەن ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلدى

سىرلانكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى 14-ئاۋغۇست كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ھۆددىگە ئېلىنىپ، يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنە كاشىلا چىققانلىقى ئۈچۈن، سىرلانكىدا توك بىلەن تەمىنلەش چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي شىركىتىنى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى.

سىرلانكا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىنىڭ ۋىمالادخارما ئىسىملىك بۇ رەئىسى ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا،« خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ھۆددىگە ئېلىنغان بۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بەلكى خىتاينىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى خەلقئارا سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمىگەن. شۇڭا سىرلانكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىدىن ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا ئەسلىھەلەرنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق » دېگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئافرىقا ئەللىرى ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇشلاردا ئېغىر سۈپەت مەسىلىلىرى كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ساختا ناچار تاۋارلىرى ھەم خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سۈپەتسىز قۇرۇلۇشلىرى تەنقىدلەش ئوبيېكتىغا ئايلانماقتا.