شىنخۇئا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئىدېئولوگىيە تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنىڭ "ئىنتايىن مۇھىملىقى" نى تەكىتلەش ئىكەن.
يىغىن جەمئىي 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يېنىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي ۋە تېخنىكوملار رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى خادىملار تولۇق قاتناشتۇرۇلغان.
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە ئورتاق قوللىنىلىدىغان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" دەرسلىكىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يېرىدە بارلىق ئىشچى، خىزمەتچىلەرگە سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.
ئۇندىن باشقا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەتىل قويۇپ بەرمەي، ھەپتىسىگە يەتتە كۈن تولۇق سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.