مەزكۇر دوكلات كېلەر ئايدا ب د ت دا ئېچىلىدىغان خىتاينىڭ مېيىپلەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىپ قىلمىغانلىقىنى باھالاش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئۈچۈن ھازىرلانغان. دوكلاتتا ئۆكتىچىلەرنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرىي ئاپىرىلىپ،مەجبۇرىي داۋالىنىدىغانلىقى، داۋالىنىش جەريانىدا ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقى، نارازىلىق بىلدۈرسە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار پاكىتلىرى بىلەن پاش قىلىنغان.
ب د ت دا 2008-يىلى تەستىقلانغان مېيىپلەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىدە، مېيىپلەرنى قاماپ قويۇشقا ۋە نەزەربەند قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بېكىتىلگەن؛ نېرۋا كېسەللىكلەر بولسا مېيىپلەر كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن. دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر قاتارىدا سانىلىشى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بولسا، ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىدۇر.
خىتاينىڭ كېلەر ئايدىكى ب د ت يىغىنىدا بۇ مەسىلىگە قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.