خىتاي سومالىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىغا 4 مىليون دوللار تۆلەپ ئادەملىرىنى قۇتقازغان

خىتاي مەتبۇئاتى تۈنۈگۈن، سومالىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن بىر پاراخوت ۋە گۆرۈگە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.12.29

ئەمما خەۋەردە قاراقچىلارغا پۇل تۆلىگەن - تۆلىمىگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن ئىدى. بۈگۈن رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئادەملىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دېڭىز قاراقچىلىرىغا 4 مىليون دوللار پۇل تۆلىگەن.

دېڭىز قاراقچىلىرىدىن خاسىن ئىسىملىك بىرسى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ دېشىنخۇا ناملىق پاراخوتىدا تۇرۇپ رويترىس مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ جاۋابىدا، خىتاينىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن كېلىپ، پاراخوتقا 4 مىليون دوللار پۇلنى تاشلاپ بەرگەنلىكىنى، يەنە بىر قانچە سائەتتىن كېيىن پاراخوت ۋە ئادەملەرنى قويۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاراخوت قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاراخوت خادىملىرىنى تەكرار ئاگاھلاندۇرۇپ، بىخەتەر قىرغاققا يېتىۋالغىچە ھۇشيار بولۇشنى ۋە قاراقچىلارغا تەكرار گۆرۈگە ئېلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىشنى تاپىلىغان.

خىتاينىڭ مەزكۇر پاراخوتى بۇ يىل 10 ‏- ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، جەنۇبىي ئافرىقىدىن كۆمۈر توشۇۋاتقان پەيتتە، ھىندى ئوكياننىڭ سومالى ئەتراپىدىن ئۆتۈۋېتىپ دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن. پاراخوتتا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان 25 نەپەر خىتاي پۇقراسى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئىدى.

ئۆتكەن ئايدا خىتاي مەزكۇر ئادەملىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىي كۈچلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، قۇتقۇزۇشقا قۇربى يەتمىگەن، ئاقىۋەتتە، خىتاي سومالىدىكى دىنىي زات ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن سودىلىشىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.