خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى يەرلىك دائىرىلەرنى ئىقتىسادقا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى توغرا يوللاشقا ئاگاھلاندۇردى

خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى جۈمە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئىقتىسادى مەلۇماتلارغا تۈزۈتۈش كىرگۈزمەسلىككە، ھەقىقىي توغرا سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاشقا ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ما نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ شۇ يەردىكى شىركەتلەرنى بېيجىڭغا توغرا بولمىغان سانائەت ئىقتىسادىي مەلۇماتلىرىنى يوللاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بايقىغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ئوبلاستى ھەم فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى مەلۇم يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتىپ، يۇقىرىغا ساختا ئىقتىسادىي مەلۇمات يوللىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.گەرچە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇئەمەلدارلارنىڭ كىملىكى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما 2011 - يىلى ئىلى ئوبلاستىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن پارتكوم سېكرىتارى جياۋ باۋخۇانىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا يەرلىك ئورۇنلارنىڭ يۇقىرىغا ئىقتىسادقا ئائىت ئۇچۇرلارنى يوللىغاندا، ساختا ستاتىستىكىلىك ئۇچۇرلارنى يوللاش ئەھۋالى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتماقتا ئىكەن.