خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىرىنى خىتايغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقى ئامېرىكىدا ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

سۇندا پرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىر سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە خەلقئارا سوت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقتا خىتاي تەمىنلىگەن قىرغۇچى ئايروپىلانلار، تىكئۇچارلار ۋە قورال-ياراقلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، سۇدان پرېزىدېنتى بەشىرنىڭ 27-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ۋە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف: دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن نۇرغۇن كىشىلەردە ئەندىشە پەيدا بولماقتا، دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇلار بەشىرىنى قارشى ئالماقچى. بىزگە يەنە قانداق ئىسپات كېرەك ئىدى؟

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە يەنە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى ئەدلىيە مەسلىھەتچىسى بالكېس جارراھ ئەگەر خىتاي ئەل بەشىرىنى كۇتىۋالسا، خەلقئارا سەھنىدە تولىمۇ شەرمەندە يول بىلەن داڭ چىقارغان بولىدۇ، دېگەن.

ئەلا بەشىر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئۇ خەلقئارا سوتنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بارالمايدىغان بولۇپ قالدى.

مالايشىيا بۇ يىل خەلقئارا سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە بەشىر مالايشىياغا قارىتىلغان سەپىرىنى بىكار قىلغان ئىدى.