ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئارىدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەمەشىقنى زىيارەت قىلىپ، بەشىر ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى رەھبەرلىرى خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيە ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشىغا قارشى چىققانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا جۇڭگونىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەر ھەم ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ بۇ خىل مەيدان ئۆزگەرتىشىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى رۇسىيە قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار قوبۇل قىلىشىغا قارشى چىققاندىن كېيىن، ئەرەب دۇنياسىدا خىتاي ۋە رۇسىيىگە نىسبەتەن قاتتىق نارازىلىق پەيدا بولغان.