كىلىنتون خانىم سۆزىدە «ئۇلار يالغۇز سۈرىيە خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئەرەب خەلقلىرىنىڭ ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. كىلنتون خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرى بېيجىڭغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر تەنقىدنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي خەلق گېزىتىمۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەرەب باھارىنى قوللاش مەيدانىنى سەمىمىي ئەمەس دەپ تەنقىد قىلغان. گېزىت، خىتاينىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئىتىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە، سۈرىيىنى جازالاش قارارىغا توسقۇنلۇق قىلمىشىنى ئاقلىغان.
خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى نارازىلىقى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سۈرىيىگە قارشى يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى ماقۇللىغان بىر مەزگىلىگە توغرا كەلدى. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ يېڭى جازا قارارىدا، سۈرىيە مەركەز بانكىسىنىڭ پۇللىرىنى توڭلىتىش ۋە بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە بېسىمنى كۈچەيتىش قاتارلىق يېڭى تەدبىرلەر ماقۇللانغان.