تەيۋەندە پرېزىدېنت ما يىڭجۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلگەن؛ تەيۋەن ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكتە پەسىيىش يۈز بەرگەن. بۇ جەرياندا ما يىڭجۇ ئىزچىل ھالدا خىتاي تەرەپنى، تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنى يوتكىۋېتىشكە چاقىرىپ كەلگەن ھەم تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇدرىتىنى كۈچلەندۈرۈشنىمۇ توختاتمىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما يىڭجۇ تۈنۈگۈن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىدىن ستېىۋېلىنىدىغان قورال - ياراقلارنىڭ تىزىملىكى ھەققىدە لايىھە تەلەپ قىلغان. دوكلات ۋە خەۋەرلەردىكى بۇ مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىللىقلىشىۋاتقىنىغا قارىماي؛ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھازىرلىقىنىڭمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئايان بولماقتا.
