تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئىككى تەرەپ چېگرا سىزىقىنى ئاخىرقى قېتىم بېكىتتى

تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشقان چېگرا مەسىلىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئاخىرقى چېگرا ئابىدىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى، تاجىكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى قارا سۇ ئېغىزىدا ئۆتكۈزۈلدى.

چېگرا ئابىدىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا تاجىكىستان تەرەپتىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن خىتاي تەرەپتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ياڭ گاڭ قاتناشقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى دۆلەت چېگرا ئابىدىلىرىنى تىكلەش خىزمەتلىرىنى 2006 - يىلىدىن باشلىغان بولۇپ، ھازىر بۇ ئىش تاماملانغان.

تاجىكىستان بىلەن خىتاي 1999 - يىلى ۋە 2002 - يىلى چېگرا مەسىلىسىگە ئائىت ئىككى كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، 2002 - يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن ئېشىپ قالغان چېگرا تالىشىشىغا خاتىمە بېرىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا تاجىكىستاننىڭ بىر قىسىم زېمىنلارنى خىتاي تەرەپكە بەرگەنلىكى غۇلغۇلا قىلىنغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدا ئۇزۇن چېگرا لىنىيىسى مەۋجۇت بولۇپ، كۆپلىگەن لىنىيىلەر ئېنىق بېكىتىلمەي، تالاش - تارتىش تۈسىنى ئالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم سۆزلەشكەن ھەتتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دائىم چېگرا جىدەللىرى چىقىپ تۇرغان ئىدى.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا مەسىلىسى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا خىتاي بىلەن سۆزلىشىپ، ئۆز چېگرالىرىنى تولۇق بېكىتىپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولدى.