خىتاي تەسىر كۆچىنى ئەڭ نامرات قوشنىسى تاجىكستاندا كېڭەيتمەكتە

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان جۇمھۇرىيەتلەردىن ئەڭ نامرات قوشنىسى تاجىكستاننى، ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق ئىتىپاقدېشىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.


خىتاي يېقىندا تاجىكستانغا 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، تاجىكستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان بۇنىڭدىن كېيىن موسكۋادىن ئۈمىد كۈتمەي، خىتايغىلا تايىنىپ ئاساسى قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاجىكستاندا نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا كان بايلىقلىرىنى قېدىرىش ئىشى بۇنىڭدىن كېيىن، يىللاردىن بۇيان تاجىكستاندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ۋە باشقا كان بايلىقلىرىنى قېدىرىۋاتقان رۇسىيىنىڭ گازپۇروم شىركىتى، كانادانىڭ تېسى شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىختىيارىغا ئۆتتى. خىتاي ھازىر يەنە تاجىكستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا كۆز تىكمەكتە.