خىتاي شىخودا تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ يەرلىك خەلققە يەنە تەھدىت سالدى

خىتاينىڭ شىخۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ يەرلىك خەلققە يەنە تەھدىت سالدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مانېۋىرغا رازۋېدكا، ئامانلىق، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قوراللىق ساقچى خادىملىرى بولۇپ جەمئىي 182 كىشى قاتناشقان. مانېۋىردا 6 كىشى تېررورچىنىڭ تېررورچىنىڭ رولىنى ئوينىغان.

خەۋەردە مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە تەجرىبە قىلىش دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ مانېۋىرلارنىڭ مەقسىتى پەقەت يەرلىك خەلققە تەھدىت سېلىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىش دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە بۇ تۈر مانېۋىرلارنىڭ بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم ئۆتكۈزۆلگەنلىكىنى، ئەمما، ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ قارشىلىق روھىنى سۇندۇرالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەلىكىنى بىلدۈردى.

مانېۋىر ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدىن قارىغاندا، مانېۋىرغا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ بۇ مانېۋىرنى ئۆتكۈزۈشتە ئۆتكەن ئايلاردا يۈز بەرگەن خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەرنى ئەينەك قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. چۈنكى خوتەندە يۈز بەرگەن ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، پىدائىيلار ساقچىخانا ئۆگزىسىگە بايراق قاداشنىڭ ئالدىدا ساقچىخانىغا ئوت قويغان؛ قەشقەر يېڭىبازار ۋەقەسىدىمۇ پىدائىيلار، خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىدا بىر خىتاي ئاشخانىسىغا ئوت قويغان ئىدى.

دىلشات رىشىت بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل مانېۋىرلار ئارقىلىق رايوندىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى زورۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە كۈشكۈرتۈۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.