مەزكۇر ئورۇننىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ نىسبەت خىتايدا كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشقا ۋە مەسىلىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىلغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا بانكىسىنىڭ 2010-يىللىق كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى يۈكسەك دۆلەتلەر تىزىملىكىدە 16 دۆلەتنىڭ نامى بار بولۇپ، خىتاي 0.6 لىك نىسبەت بىلەن كىرىم تەڭپۇڭسىزلىق پەرقى جەھەتتە ئەنە ئاشۇ تىزىملىكتىكىلەرنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدۇ. خىتايدا كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ۋەزىيىتى خېلى يىللاردىن بېرى مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتايدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەسىلىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن، تېمىغا ئالاقىدار سان-سېپىرلارنى ئاشكارىلىماي كەلگەن. مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەسىلىگە جىددىي قاراشقا چاقىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلغاندا، مەزكۇر مەسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا ھەيران قالماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتقان.