ئەنگلىيىدە چىقىدىغان بىر قىسىم گېزىتلەردە ئولىمپىكتە مۇسابىقىگە چۈشۈۋاتقان خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىچىك بالا ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ، قاتتىق ئىنتىزام ۋە تەن جازاسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان زالىم ئۇسۇللار ئارقىلىق تەربىيىىلىنىدىغانلىقىغا دائىر رەسىملەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتۇن مېدال ئۈچۈن بالىلارنى لاگېرلارنى ئەسلىتىدىغان تەنتەربىيە مەكتەپلىرىدە زالىم ئۇسۇللار بىلەن تەربىيىلىنىشى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «ئەخلاقسىزلىق» دەپ باھالاندى.
غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك ئىناس قوزغىغان بۇ مەسىلىگە قارىتا، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، غەرب مەتبۇئاتلىرىنى «يالغان خەۋەر توقۇش» بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇلار غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش ئارقىلىق، خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ روھىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما، خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋې ئولىمپىك باشلىنىش ئالدىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېرىشىۋاتقان ھەربىر مېدالنىڭ ئارقىسىدا بىر ئائىلىنىڭ پاجىئەسى بارلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىڭلىغان ئۆسمۈر بالا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ قېنى، جېنى، كۆز يېشى بەدىلىگە خەلقئارادا ئۆز ئورنىنى تىكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بۇ سەۋەبتىن قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.