بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بىرقەدەر كەڭرى بېرىلىشكە باشلىدى. نيۇ-يورك ۋاقتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەم كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلدى.
بۇ قېتىم پاكىستاندا ئوساما بىن لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ نەزىرى يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررور ھەرىكىتىگە باغلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىسىگە يۆتكەلدى.
16-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقچى» دېگەن ماقالىدە، خىتاي باياناتچىسى جاڭ يۈنىڭ «نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە ئوخشاش خىتايمۇ تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن باياناتى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگرىسى ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرى، قازاقىستان، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى قاتارلىقلار مىسالغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە يەنە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە » دېگەن سۆزى مىسالغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى تەنقىدلەندى.
