خىتاي تېررورىزمغا ئوچۇق تەبىر بېرىدىغان قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى ئاچقان يىغىنىدا «تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قانۇنىي بەلگىلىمىنىڭ» لايىھىسىنى ماقۇللىغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-10-25
Share

«تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى»، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» ۋە «تېررورچىلار» دېگەن ئۇقۇملارغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىش تەكلىپ قىلىنغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تېررورچىلارنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنى جەمئىيەتكە ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۇئەننىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرۈپ، تېررورچىلارنى جازالاشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تېررورچىلارغا ئېنىق تەبىر بەرگەندە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر لايىھە بويىچە بولغاندا، شىددەت ۋە بۇزغۇنچىلىق يولى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە تەھدىت قىلىش ۋە ياكى بىر ئىشقا مەجبۇرلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، بۇ خىل ھەرىكەت ۋە شەخسلەرنى مالىيە ياكى باشقا خىل ياردەملەر ئارقىلىق قوللاشنىڭ ھەممىسى تېررورلۇق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قانۇن ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە، خىتايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق ھەرىكەت شۇنداقلا ئۆكتىچى شەخسلەرنىڭمۇ تېررورلۇق تىزىملىكىگە ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «قانۇن لايىھىسىدىكى ماددىلار كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ»، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ب ب س، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويتېرسقا ئوخشاش ئاگېنتلىقلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتىنى چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارغا باغلاپ كەلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت