بېيجىڭدا 'تېررورچىلار قوللانمىسى'نى تارقاتقان بىر خىتاي ياش سوتقا تارتىلغان

تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى، فېڭ فامىلىلىك بىر ياشنى جىنايەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا تارتقان.

خىتاي "قانۇن" گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر گۇماندار، خىتايچە "بەيدۇ" تورىدا "تېررورچىلىق قوللانمىسى" نامىدا سەھىپە ئېچىپ، تۈرلۈك پارتلاتقۇچ، ئوت قويغۇچ ۋە بېنزىن بومبىسى ياساش قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەلىم - تەربىيە ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ تارقاتقان.

گۇماندار تېررورچىلىق تەربىيىسىنى بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن، بۇ يىل 4 ‏- ئاينىڭ 19 - كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتۇرغان. خەۋەردە گۇماندارنىڭ مەقسەت ياكى پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

تېررورلۇق ئەندىشىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ كۆپ بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرىدۇر . "تېررورچىلار قوللانمىسى" نى بىر خىتاي ياشنىڭ تارقىتىشى، جەمئىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر گۇماندار، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەردىن بولىشى، ۋە بەلكىم 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىدىكى ئۆچەكىشىش ۋەزىيىتىدىن تەسىرلەنگەن، ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان خىتايلاردىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ پەقەت بەلكىم پەقەتلا قىزىقىش سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىشتىن سىرتقى ھەۋەس پائالىيىتى بولۇشى مۇمكىن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر دېلو تېخى تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا بولۇپ، پات يېقىندا گۇماندارنىڭ "تېررورچىلار قوللانمىسى" نى تارقىتىشتىكى مەقسىتى ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن.