تەيۋەندە خىتايغا قارشى نامايىش يۈز بەردى

بۈگۈن تەيۋەندىكى نۇرغۇنلىغان خىتايغا قارشى كىشىلەر نامايىش ئۆتكۈزۈپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرى جەمئىيتى " نىڭ ئەمەلدارى جاڭ مىڭچىڭنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش تەيچۇڭ شەھىرىدىكى جاڭ مىڭچىڭ چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشىچىلار "تەيۋەن خىتايدىن ئايرىم بىر دۆلەت" دەپ شۇئار توۋلىغان. نامايىشتا بىر كىشى قولغا ئېلىنغان، ئەمما تەيۋەن ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلدارى جاڭ مىڭچىڭ يەكشەنبە كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ 2008 - يىلىدىن بېرى ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، جاڭ مىڭچىڭ 2008 - يىلى تەيۋەنگە بارغىنىدا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ياقىلايدىغان بىر سىياسەتچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ۋاڭ تىڭيۈ ئىسىملىك بۇ سىياسەتچى ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن 4 ئايلىق تۈرمە جازاسى ۋە 122 مىڭ تەيۋەن دوللىرى پۇل جازاسىغا ئۇچرىغان ئىكەن.

جاڭ مىڭچىڭنىڭ بۇ قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتىدە ئۇنىڭ تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ياكى ئۇچراشمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.