فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەندە رابىيە قادىرنىڭ فىلىمى قويۇلغانلىقى ئۈچۈن پەيدا بولغان ئاچچىقى تېخىچە يانمىغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇن دالاي لامانىڭ تەيۋە نگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنغاندا ۋە رابىيە قادىرنىڭ فىلىمىنى قويۇش قارار قىلىنغاندا، گەرچە تەيۋەن ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمىگەن بولسىمۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ساياھەت ئورگانلىرى ئۇيۇشتۇرغان ساياھەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن 30% ئازلىغان ئىدى.
يېقىندا رابىيە قادىر ياپونىينى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينى تېخىمۇ قاتتىق ئەيىبلەشكە باشلىغان، ھەتتا تەيۋەننىڭ كوممۇنىست خىتايغا يېقىنچىلىق قىلىۋاتقان ما ھۆكۈمىتىنىمۇ 'دېموكراتىيىنى ياقلىمايدىغان ھۆكۈمەتكەن' دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.