ئىككى قىرغاق ھەربىي دائىرىلىرى ۋەكىللىرى بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئامېرىكىنىڭ ھاۋايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ھەربىي ئىشلار مۇھاكىمىسىگە قاتنىشىش جەريانىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلغان. خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى قىرغاق ھەربىي دائىرىلىرى ئاۋغۇستتىكى سۆھبەتتىن بۇرۇن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىشىمۇ مۇمكىن.
ئەگەر پىلاندىكىدەك بولسا بۇ ئىككى قىرغاق ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى تىنچلىق سۆھبىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە، 1949 - يىلى خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تەيۋەنگە سۈرگۈن بولغاندىن بۇيان ئېنىق چەك چېگرا ئايرىلغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا ما يىڭجۇ تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە يۇمشاش كۆرۈلمەكتە، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېقىنلىشىشى ئىككى قىرغاق ئارىسىدىكى ھۆكۈمەت ھەمدە ھەربىي مۇناسىۋەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يول ئاچماقتا. ما يىڭجۇ ئىككى قىرغاق ھەربىي مۇناسىۋىتىدە بىر بىرىگە ئىشەنچ ھاسىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
بۇنىڭ ئالدىدا بولسا تەيۋەننىڭ ئىلگىرىكى رەھبىرى چېن شۈيبىئەن دۆلەت سىياسىتىدە قەتئىي ھالدا تەيۋەن مۇستەقىللىقىدە چىڭ تۇرغاچقا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جىددىي بولۇپ كەلگەن.