ما يىڭجۇ: خىتاي تەيۋەنگە قارىتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىۋېتىشى كېرەك

تەيۋەن پرېزىدېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە قارىتىپ تىكلەپ قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىۋېتىشكە چاقىردى ۋە ئۇنداق بولماي تۇرۇپ خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-10-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا 1000 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەت تىكلەپ قويغانلىقىنى ھەمدە بۇلارنى بارغانچە كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تەيۋەنلىكلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان مەسىلەردىن بىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: " ئەگەر بىز چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارىمەن دەيدىكەنمىز، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى بىر تەرەپ قىلىشىنى خالايمىز. ئېلىۋەتسىمۇ، چۇۋۇپ تاشلىسىمۇ مەيلى."

ما يىڭجۇ يەنە، گەرچە تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى قوغداش ئۇچۇن ئامېرىكىدىن يەنە كۆپلەپ قورال سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گومىنداڭ پارتىيىسىدىن بولغان ما يىڭجۇ ئۆتكەن يىلى تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ۋە خىتايغا قارىتا يۇمشاق دىپلوماتىيە قوللانغان. شۇندىن كېيىن خىتاينىڭ تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن تەشكىللىگەن بىر سودا ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت