ۋېن جياباۋ بۇ سۆزلەرنى ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش شتابىدا چاقىرىلغان ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش جەريانىدا تەيۋەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن. ئۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشنىڭ، تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىدىكى خەلقلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىغانلىقى ۋە مۇخبىرلارغا ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ "كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن" لىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1990 - يىللىرىدىن باشلاپ تەيۋەن بوغۇزىغا مىڭدىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان، شۇنداقلا تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا قورال كۈچى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، تەيۋەن -خىتاي مۇناسىۋىتى تېز يۇمشاشقا باشلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئالاقىسى كۈچەيگەن.
ۋېن جياباۋنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن، تەيۋەن باش مىنىستىرى ۋۇ دۇنيى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەيۋەنگە قارىتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى يۆتكەپ كېتىش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئېلىپ كېتىش تەھدىتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ ... لېكىن ۋېن جياباۋنىڭ سۆزى سەمىمىيلىكنىڭ ئىپادىسى" دېگەن.
گومىنداڭ پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتى تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنى قاتتىق بىئارام قىلغان. بۇ، يەرلىك تەيۋەنلىكلەر بىلەن 1949 - يىلى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن تەيۋەنگە قېچىپ كەلگەن گومىنداڭپەرەس خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.