تەيۋەن پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ يۇچى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننىڭ ما يىڭجۇ خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى ئۇنۇتتى دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان.
چىن شۈيبيەن چارشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇنى خىتايغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا تەيۋەن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بۇندىن بۇرۇن بەرگەن باياناتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان 1000 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېلىۋەتمىگىچە، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ تەكىتلىگەن.