ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەيۋەن - خىتاي سودا كېلىشىمىنى قارشى ئالدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گوردون دۇگۇت تۈنۈگۈن باياناتىدا ئامېرىكا، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ كۆپىيىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان سودا كېلىشىمى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق قۇرۇلمىلىرىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قارايدۇ دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىمۇ، ياپونىيىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاستە دىئالوگ بىلەن تىنچ ھەل قىلىشىنى قوللاش. ياپونىيە ھازىر، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان سودا كېلىشىمىنى مۇشۇ نۇقتىدىن قارشى ئالىدۇ دەپ بايان قىلدى.