خىتاي تىبەتنىڭ كىرتي ئىبادەتخانىسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئىنكار قىلدى

سىچۈەننىڭ ئابا ناھىيىسىدىكى تىبەتلەرنىڭ كىرتي ئىبادەتخانىسىدا راھىبلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، ئىبادەتخانا جايلاشقان رايوننىڭ ۋەزىيىتى جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئىدى.

بۇ سەۋەبتىن تىبەت داھىيسى دالاي لاما ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئىبادەتخانىدىكى راھىبلارنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتىن ئۆزىنى تارتىشقا چاقىرغان؛ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ توغرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۈچۈن توپلانغان تىبەتلىكلەرگە، خىتاينىڭ قوراللىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ تەھدىت سالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق توغرىدىكى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە خىلاپ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي تاشقا ئىشلار باياناتچىسى خوڭلىي بۈگۈن، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تىبەتتىكى كىرتي ئىبادەتخانىسىدا ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، راھىبلارنىڭ تېنچ-خاتىرجەم ھالدا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى، راھىبلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى ئىناق مۇناسىۋەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ ئىبادەتخانىغا سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىشىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى. خىتاي باياناتچى سۆزىدە « بىز ئامېرىكىنى پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتسىز سۆز قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

كىرتي ئىبادەتخانىسىدا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە، ئىبادەتخانا راھىبلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان تەلىم-تەربىيە كۇرسىلىرىغا مەجبۇرى ئاپىرىلىشى ۋە ئۆتكەن ئايدا بىر نەپەر ياش راھىبنىڭ ئۆزىگە ئوت قۇيۇپ ئۆلۈۋېلىشى سەۋەب بولغان.