خىتاي ھۆكۈمىتى دارامسالادىكى دالاي لاماغا يېقىن بىر لامانى تىبەت راھىبلىرىنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن، دەپ ئەيىبلىدى

خىتاينىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل بىر ئەمەلدارى دارامسالادىكى دالاي لاماغا يېقىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر لامانى سىچۈەن ئابا ناھىيىسى كىرتى ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلارنى كۈشكۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دەپ ئەيىبلىدى. بۇ يىل 4 - ئايدىن باشلاپ سىچۈەننىڭ ئابا ناھىيىسىدىكى كىرتى قاتارلىق ئىبادەتخانىلاردا تۇرۇشلۇق تىبەت راھىب ۋە راھىبەلىرىدىن ئون نەچچە كىشى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بۇ ۋەقەلەرنى چەتئەلدىكى تىبەت «بۆلگۈنچى» كۈچلىرىنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. «خەلق گېزىتى» جۈمە كۈنى ئابا ناھىيىسىدىكى دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 1959 - يىلى كىرتى ئىبادەتخانىسىدىن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر لامانىڭ راھىبلارنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە قۇتراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ئەمەلدار لامانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر بۇ لامانىڭ كىرتى رېنپوچى ئىكەنلىكى، ئەينى چاغدا كىرتى ئىبادەتخانىسىنىڭ باش لاماسى بولغان رېنپوچىنىڭ دالاي لاما بىلەن ھىندىستانغا قېچىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى دالاي لامانىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ سۆزى «تېررورلۇقنى پەردازلىگەنلىك» دەپ تەنقىد قىلغان. دالاي لاما ئۆزىنى كۆيدۈرۈشنى «جاسارەتلىك» ھەرىكەت دېگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل نارازىلىق شەكلىنىڭ ئوينايدىغان رولىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كىرتى رېنپوچى بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، تىبەت خەلقى ياشاۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت «باشقا ھەرقانداق بىر ئەلدە ئائىلە نەزەربەندى» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.