خىتاي تىبەتكە ئالىي ھوقۇقلارنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى

تىبەتلەرنىڭ دارامسالادا ئېچىۋاتقان تارىخى قۇرۇلتىيى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە ھەر قانداق شەكىلدىكى ئالىي ھوقۇقلارنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

بۈگۈن، تىبەت ئىچىدە چىقىدىغان خىتاي كومپارتىيىسى باشقۇرۇشىدىكى تىبەت گېزىتى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، تىبەتكە خوڭكوڭ ۋە ماكاۋلارغا ئوخشاش ئالاھىدە ئاپتونومىيە بېرىلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە مەزكۇر ماقالىدە تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسىي سىياسىي سىستېمىسىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ۋە ياكى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈپتىن زىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە يەنە، تىبەتنىڭ 700 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە دالاي لاما تەشەببۇس قىلىدىغان "مۆتىدىل يول" نىڭ تىبەت مۇستەقىللىقى ئىدىيىسىنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇنىڭ تىبەت تارىخىغا قارشى رەزىل سۈيىقەستنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى بارلىق تىبەت تەشكىللىرىنىڭ 500 دىن ئارتۇق ۋەكىللىرى ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا تىبەتلەرنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى باش تېما قىلىنغان مۇھىم قۇرۇلتاي ئېچىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.