ئامېرىكا خىتاينى تىبەت سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت باشلاشتىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەت سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى، ھازىرقى سىياسەتنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلغان پەيشەنبە كۈنى دالاي لامانىڭ ئىككى ۋەكىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گوردون دوگايت مۇنداق دەيدۇ: " ئامېرىكا خىتاينىڭ تىبەت مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان تىبەت سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىدۇ".

گوردون دۇگايت يەنە خىتاينىڭ مۇخبىرلار، دىپلوماتلار ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تىبەت - خىتاي مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەكىتلىدى ۋە دالاي لامانىڭ خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ھەققىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ " تىبەت مەسىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلارنى مۇۋاپىق، ئۈنۈمدار بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن جىددى ۋە ئەمىلى سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتۇر. بۇ بىزنىڭ ئۇزۇندىن بېرى چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ۋە ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان قارىشىمىز " دەيدۇ.

دالاي لاما ئۆتكەن شەنبە كۈنى خىتاي خەلقىغە ئىشىنىدىغانلىقى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تەۋرەپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى جۈمە كۈنى لودى گيارى باشچىلىقىدىكى دالاي لاما ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەت باشلىغان. روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى سۆھبەتتىن خەۋەردار ئەربابلار دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ "نوپۇسى تىبەت بولمىغان ئېتنىك ئاز سانلىقلار رايونى" غا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن بۇ رايوننىڭ ئىسمى ۋە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى دۇگايت، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر سۆھبەتنىڭ كونكېرت ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىگە ئۈزلۈكسىز دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.