چېخىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پراگاغا كېلىپ، چېخىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ئەرز - شىكايەت كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى ئىدى.
چېخىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كاتىرېنا جەكس يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، " بىز خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت مەسىلىسىدىكى تۇيغۇنلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق " دەپ تەكىتلىگەن.
چېخىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوربىتىسىدىكى شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئىچىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە تىبەت مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
2007 - يىلى 6 - ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ بۇش بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى چېخىيە پايتەختى پراگادا ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتى چېخ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. چېخىيە مەتبۇئاتلىرى چېخ كوممۇنىستىك پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى پاۋېل كوۋاچىكنىڭ يېشىللار پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى " ئىغۋاگەرچىلىك ۋە بالىلارچە ھەرىكەت " دەپ تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 8 - ئايدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى باشلىنىشىدىن بۇرۇن چېخىيە باش مىنىستىرى مىرېك توپولانېك ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، لېكىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا مەيدىسىگە تىبەت ئىزنىكى تاقىۋالغان ئىدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنى ناھايىتى بىئارام قىلغان.