تىبەتلەر بار خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇ يىل تىبەتلەرنىڭ بايرام قىلىشى چەكلەندى

بۈگۈن تىبەت كالېندارى بويىچە 'يېڭى يىل' كۈنى، تىبەتلەر تارىختىن بۇيان بۇ بايرامنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئەمما بۇيىل ئۆزگىچە.

ب ب نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇلتۇر مۇشۇ بايرامدا تىبەتلەر دىنى ئەركىنلىك ئۈچۈن نامايىش قىلغان ئىدى. بۇ 3 - ئايدا خىتاينىڭ كەڭ - كۆلەملىك باستۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

كوممۇنىست خىتاي تىبەتلەرنىڭ بۇ يىلقى ئەنئەنىۋى بايرىمىدا يەنە ناھايىتى كۆپ ئەسكەر توپلاپ، تىبەتلەرنى يەنە باستۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى دىنى داھىيسى دالاي لاما بۈگۈن تىبەتلەرنى خىتاينىڭ تىبەتلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇمى ۋە ئالدامچىلىقى بۇنداق يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ يىلقى بايرامدا ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلماسلىققا چاقىردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ بۇ يىلقى بايرىمىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تىبەتلەر بار جايلارغا بېرىشىنى چەكلىگەن. تىبەتلەر جايلاشقان خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسا، مەسىلەن، گەنسۇنىڭ شاخې رايونىدا، بۇيىل تىبەتلەرنىڭ بايرام قىلىشىنى چەكلىگەن.