ئاخىرقى قېتىملىقى 2008 - يىلى 11 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىبەت ۋەكىللىرى ئالدىنقى كۈنى خىتايغا يېتىپ بارغان. ئەمما سۆھبەتنىڭ ئورنى ۋە كونكېرت مەزمۇنى مەخپىي تۇتۇلماقتا. بۈگۈن خىتاي باياناتچى سۆزىدە سۆھبەتنىڭ دالاي لامانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تاكلا سۆھبەتنى "ئورتاق كېلىشىم ئۈچۈن بىر تىرىشىچانلىق جەريانى" دەپ چۈشەندۈرگەن.
بۈگۈن يەنە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر سۆھبەتكە مەدھىيە ئوقۇغان ۋە بۇ سۆھبەتنى بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلەر ئۈچۈن ئاساس بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى دالاي لاما، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلىپىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. خىتاي بولسا، دالاي لامانىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دالاي لامانىڭ شەرتلىرىنى ئىنكار قىلماقتا.