خىتاي ھەربىي قىسىملىرى بايرام مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە شاڭخەيدە ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى 60 يىللىق بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن قىسىملار ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە شاڭخەيدە ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي بايرام مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن 5 دىۋىزىيە، 3 ماتورلاشقان قىسم ۋە بىر بىۋاسىتە قاراشلىق قىسىم قاتارلىق 11 ھەربىي ئورگاننى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.

ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن قىسىملارنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭغا يېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.

خەۋەردە، مەزكۇر قوراللىق ساقچى قىسىملارغا يەنە، شاڭخەيدە دۇنيا سودا يەرمەنكىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە تۈركۈملەپ ھەربىي قوشۇن يۆتكىگەن ئىدى.