خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى تىبەتتە ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قىسىملىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ئېتىش مەشىقىنى تېبەت ئېگىزلىكىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي بۈگۈن جاكارلىغان بۇ ھەربىي مەشىقنىڭ تىبەتلەرگە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈدىغانلىقى ئېنىق.

'ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ بىرلەشمە ھەربىي مەشق تىبەت رايونىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ 700 مېتىر ئىگىز جايلاردا ئۆتكۈزىلىدىكەن. مەشىقتە ھۇجۇمچى ئايروپىلان، تانكا، زەمبىرەك ۋە ئېلېكترونلۇق قوراللار قوللىنىلىدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەكتەپلىرىدە تىبەت تىلىدا ئوقۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن تىبەتلەرنىڭ ئۆز تىل -يېزىقىنى قوغداش ئاۋازى تېخىمۇ ئۇلغىيىۋاتقان، تۈنۈگۈن يەنە 300 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىگە، مەكتەپلەردە تىبەت تىلىدا ئوقۇتۇشنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئىمزا قويۇپ تەكلىپ يوللىغان ئىدى.