ئۈرۈمچىدە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاي تىلى ئوقۇتۇش مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرىنى توپلاپ، خىتاي تىلىنى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقۇتۇش مەسىلىلىرى بويىچە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.

خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 50 تىن ئارتۇق مائارىپ ساھەسىگە مەسئۇل خادىملىرى، مائارىپشۇناسلىرى ۋە خىتاي تىلى ئوقۇتۇش مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا بۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي تىلى ئوقۇتۇش كۈچى، مائارىپ تۈزۈلمىسى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئوقۇتۇش مېتودىكىسى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى مەملىكەتلەر بىلەن بولغان خىتاي تىلى ئوقۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايونلاردىكى خىتاي تىلى ئوقۇتۇشنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.

تەھلىلچىلەر خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشنى خىتاي بىلەن قوشنا ئەللەردە قانات يايدۇرۇش خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىستراتېگىيىسىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك نىشان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە خىتاي بىر قىسىم قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە «كوڭزى ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتالغان مەخسۇس خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئوقۇتىدىغان ئىنستىتۇتلارنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن قۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، بۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي تىلى ئوقۇتۇشنى ماددىي ۋە ئوقۇتقۇچىلار كۈچى جەھەتتىن تەمىنلىمەكتە ئىكەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1985-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە 40 دۆلەت تىن كەلگەن 4000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇيغۇر ئېلى بىلە قوشنا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر ئىكەن.