خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى تىنچ ئوكياندا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى غەربىي تىنچ ئوكياندا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە قاراتقان دېپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى ئاياقلاشتۇرۇپ بىر ھەپتە بولا - بولمايلا خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى خەلقئارانىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى.

ئەمما خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسەتسىز ۋە ئادەتتىكى بىر ھەربىي مانېۋىرلىقىنى بىلدۈردى. مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دىيىلگەن:

- بۇ، ئالدىن پىلانلانغان ۋە قەرەللىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر ھەربىي مانېۋىر. خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھەربىي مانېۋىر ھېچقانداق بىر دۆلەتنى ياكى مەقسەتنى نىشان قىلمىغان.

باياناتتا يەنە، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ئەركىن يول يۈرۈشى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك، دەپ ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر بايانات چارشەنبە كۈنى ئاخشام سائەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ياپونىيە مۇداپىئە قىسىملىرى ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسى بويلىرىدىكى خەلقئارالىق دېڭىز رايونىدا خىتايغا ئائىت 6 ھەربىي پاراخوتنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىدا بىر ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىنتايىن روشەن ھالدا خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشىدە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.