داليەندىكى خەنۋېي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۇخۇملاردا مېلامىن بارلىقى بايقالدى

خىتايدىكى توخۇ تۇخۇملىرىدىمۇ زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا مېلامىن بايقالغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىك ئەمەلدارلار بۇ ئىشتىن بۇ يىل سېنتەبىردىلا خەۋەر تاپقان ئىكەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، مېلامىندا بۇلغانغان توخۇ تۇخۇملىرى دالىيەن شەھىرىگە جايلاشقان خەنۋېي گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، خىتايدا ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتلىرىدا مېلامىن بايقالغاندىن كىيىن، دالىيەن شەھەرلىك دېھقانچىلىق تارماقلىرى تۇخۇملارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقارغان تۇخۇملار تەركىبىدە مېلامىن بارلىقىنى بايقىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئىشتىن خەۋەردار بىر ھۆكۈمەت خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ سېنتەبىردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ تۇخۇملار تەركىبىدە مېلامىن بايقىغانلىقىنى، ئەمما ئۆكتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە خەنۋېي شىركىتىنىڭ تۇخۇملىرى تەركىبىدە مىلان بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خەنۋېي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۇخۇملار خوڭكوڭغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان بولۇپ، خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ ھەپتە ئاخىرى، خوڭكوڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىش مەركىزى خەنۋېي شىركىتى تەمىنلىگەن تۇخۇملاردا مېلامىن بايقىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.