مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تورنى كونترول قىلىشنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ، تور قوللانغۇچىلارنىڭ تورغا تىزىمغا ئالدۇرغاندا ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشى، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شەخسى مەخپىيەتلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
مەزكۇر بەلگىلىمىدە تور قوللانغۇچىلارنىڭ مۇلازىمېتىر شىركەتلەرنى ھەقىقىي ئىسمى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سېنتىيە ۋاڭ مەزكۇر بەلگىلىمىنى تەنقىدلەپ: بۇ يېڭى بەلگىلىمە خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىغا قاتتىق بىر سىگنال بەردى.
ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى تەنقىدچىلەرنى جىمىقتۇرۇش، تور قوللانغۇچىلارنى تور شىركەتلىرى ئارقىلىق كۆزىتىش ۋە چەكلەشنى مەقسەت قىلغان، دەپ كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تور قوللانغۇچىلاردىن ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش، دائىرىلەرنىڭ تورغا پىكىر يازغان تەنقىدچىلەرنى ياكى يانفون قوللانغۇچىلارنى كونترول قىلىپ، خۇپىيانە پىكىر يازغۇچىلارنى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چېرىكلىكىنى پاش قىلغۇچى ۋە شەخسى مەخپىيەتلىك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلارنى چەكلەپ قويالايدۇ.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تور ئۇچۇرلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى مەزكۇر بەلگىلىمىنى 28-دېكابىر ماقۇللىغان.