خىتايدىكى «ۋۇ يۇجىشياڭ» تور بېكىتى ئۆسەك سۆز تارقاتتى دېگەن باھانىدە تاقالدى

خىتايدىكى «ۋۇ يۇجىشياڭ» تور بېكىتى ساھىبىنىڭ مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۈگۈن 6 - ئاپرېل جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت كابېنتى ئاخبارات ئىشخانىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك تور - ئالاقىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەم خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇلارغا تور بېكىتىنى بىر ئاي تاقاپ قويۇشنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇشىدا، ۋۇ يۇجىشياڭ تور بېكىتىنى « ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتا بولغان، دۆلەت رەھبەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان، 18 - قۇرۇلتاينى قارىلايدىغان خەۋەرلەرنى تارقاتقان» دەپ ئەيىبلىگەن.

«ۋۇ يۇجىشياڭ» تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسىنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تور بېكىتىدە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەنقىدلەيدىغان يازمىلارنى ھەم بۇ يىل 3 - ئاي مەزگىلىدە بېيجىڭدا ئېچىلغان 18 - قۇرۇلتايغا بولغان تەنقىدىي قاراشلارنى ئېلان قىلغان. «ۋۇ يۇجىشياڭ» تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئۆز بايانىدا يەنە ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتىدىكى يازمىلارنى ئېلان قىلىشتا، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ھەر ۋاقىت ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باشقا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۈمە كۈنى يەنە «ماۋزېدۇڭ بايرىقى تور بېكىتى»، «ئاپرېل ياشلار جەمئىيىتى»، «خىتايدىكى سايلام ۋە باشقۇرۇش» قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىمۇ نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمىغان. بۈگۈن خىتاي ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىمۇ باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئارمىيە قوشۇنىنى جەمئىيەتتە تارقالغان ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىپ كەتمەسلىككە چاقىرغان.