خىتاي، مېلبۇرن كىنو فېستىۋال تورىغا ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلدى

خىتاي خاككېرلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا كىنو فېستىۋالغا قاتنىشىدىغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ مەزكۇر فېستىۋال تور بېتىگە يېڭى ھۇجۇم قوزغىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە فېستىۋال توربېتى بىر مەزگىل پالەت ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، فەستىۋالنىڭ توردا ئورۇن زاكاس قىلىش سىستېمىسى پۈتۈنلەي تاقىلىپ قالغان.

فېستىۋال باياناتچىسى ئاشا ھولمەسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدا ياشايدىغان بىر خىتاي پۇقراسى فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرىنى بۇ خىلدىكى ۋىرۇس ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، ھۇجۇم خىتايغا جايلاشقان "بارلىق خىتايلارنى ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى" ناملىق تور بېتىدىن كەلگەن ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال باياناتچىسى مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ فېستىۋالنىڭ توردا زاكاز قىلىشى سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىشقا قارىتىلغانلىقى نەتىجىدە توردا بۇيرۇتۇش سىستېمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بېلەتنى بېلەت سېتىش مەركەزلىرىدە سېتىش مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتچى ھولمىس يەنە، بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ فىلىم فېستىۋالدا تۇرىدىكەن يەنە داۋام ئېتىدىغانلىقىنى، ئەممە فىلىمنى فېستىۋالدىن ھەرگىز چىقىرىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تەرەپ رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئېشىلگەن " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى" نېمىلا ھاجەتلىك فىلىمگە قارشى تۇرۇش ئۇچۇن، فىلىم تەشكىللىگۈچىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش، ئوز فىلىملىرىنى فېستىۋالدىن چېكىندۈرۈش ۋە فېستىۋال توربېتىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

بۇ خىتاينىڭ فېستىۋال تورىغا ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.