ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تور ئەزالىرىنىڭ ئادەتتە بۇ توربەتلەرگە كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، تورچىلار يېقىندىن بۇيان مەلۇم بىر خىل تېخنىكىنى قوللىنىپ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ توربېتىنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. ئۇلار قالدۇرغان سۆزلىرىدە، خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي خەلقىگە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان؛ ھەتتا بەزى تور ئەزالىرى خىتاي خەلقىنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن. خىتاي باياناتچى جاۋابىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداۋاتقانلىقىنى تەكرارلىغان. ئۇ يەنە پۇقرالارنىڭ پىكىر بايان قىلىۋاتقاندا دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن.
مۇخبىر بۇ تېمىدا باياناتچىدىن، پۇقرالارنىڭ توردا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغان. خىتاي باياناتچى بۇ سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرغان.