مېلامىننىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە توخۇ تۇخۇملىرىدىمۇ بايقالغانلىقى خەلقئارادا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ئۈستىدە مەۋجۇت گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن

خىتايدا بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدا بايقالغان زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا مېلامىننىڭ خىتايدا ياسالغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۇنىڭدەك يېقىندا توخۇ تۇخۇملىرىدىمۇ بايقالغانلىقى خەلقئارادا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ئۈستىدە مەۋجۇت گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى بېلىق، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەردىمۇ مېلامىن تەركىۋى بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشە كۆپەيمەكتە ئىكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەھسۇلاتلىرىغا خىمىيىلىك ماددىلار ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان مەھسۇلاتلىرىدىن ئالىدىغان پايدىنى كۆپەيتكەن يەم كارخانىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشقا چاقىرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەرلىك سۈت سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى قاتتىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا سانسىزلىغان قانۇنسىز يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كىچىك كارخانىلار مەۋجۇت بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈستىدىن نازارەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارادا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ئۈستىدىكى گۇمانلارنى كۈچەيتىۋاتقان مەسىلىسىمۇ، خىتايدا نۇرغۇنلىغان قانۇنسىز يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئىكەن.