خىتاي تۈركىيە بىلەن بىرلەشمە ھاۋا مۇداپىئە مانېۋىرى ئېلىپ بارغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.10.09
2010.10.09
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، تۈركىيە يېقىنقى زامان تارىخىدا تۇنجى قېتىم خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئىكەن.
مەزكۇر مانېۋىرنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى باشلىنىشنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىكى مانېۋىرغا تۈركىيە ئامېرىكا ۋيېتنام ئۇرۇشىدا ئىشلەتكەن ف - 4 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى قاتناشتۇرغان. خىتاي تەرەپ رۇسىيىدە ئىشلەنگەن سۇ -27س تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تامارا پاركېر خانىم، مەزكۇر مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ۋەدە بېرىپ، مانېۋىر جەريانىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئائىت مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاركېر خانىم يەنە، تۈركىيىنىڭ يەنىلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە كۈچلۈك ئەقىدىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009 - يىلدىكى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن ئىدى.
ئەينى چاغدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان "ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا" چاقىرغان.