ئىگىلىنىشىچە، بۇ قارار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئېلىنغان. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن تۈركىيىدە ساياھەت ۋىزىسى بېرىشنى توختاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن.
ئەمما تۈركىيىدە چىقىدىغان "ھۆرىيەت گېزىتى" بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "خىتاي دائىرىلىرى تۈركلەرنىڭ غەززەگە قىلغان ياردەم پائالىيىتىگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن بۇنداق قارارنى ئالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا" دېدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئاز قالغان مەزگىللەردە يولغا قويۇشىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈرمەكتە.