خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاندى

يېقىندا خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تۈركىيە ت ر ت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ تۈركمەنىستاندا تەبىئىي گاز ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى دۆلەت ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى كېلىشىمدە يەنە ئىلگىرىكى كېلىشىملەردە تۈزۈلگەن 2015-يىلغىچە خىتاينىڭ تۈركمەنىستاندىن يىلىغا 40 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش مىقدارى يىلىغا 60 مىليارد كۈپ مېتىر ئىمپورت قىلىشقا ئۆستۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن ئىمپورت قىلىدىغان تەبىئىي گار مىقدارىنى ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندىن ئىمپورت قىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىمۇ يىلىغا 60 مىليارد كۈپ مېتىرغا يېتىدىكەن.