خىتاي تۈرمىسىدىكى 27 ژۇرنالىستنىڭ 17 سى ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ

ژۇرنالىستلارنى قوغداش تەشكىلاتى بايان قىلغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاي دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارغا ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بەلكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر تارتىۋاتقان زۇلۇمنى پاش قىلغان ژۇرنالىستلارغا ئەڭ رەھىمسىز دۆلەت.

ھازىر خىتاينىڭ تۈرمىسىدىكى 27 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ 17 سى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر دۇچ كەلگەن سىياسىي ۋە مىللىي زۇلۇمنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ناھەق جازالانغان بىگۇناھ كىشىلەر.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بوب دىتسنىڭ قارىشىچە، خىتاي تۈرمىسىدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھۋالى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەش سىياسىتى نوقۇل ھالدىكى ئىنتېرنېت تورلىرىنى چەكلەش مەسىلىسىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى دۇنياغا يايغان، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتايدىن ئۆزگە مىللەتلەر تارتىۋاتقان سىياسىي زۇلۇمنى دۇنيا ئاشكارىلىغان، كوممۇنىست پارتىيە ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىكى خىيانەتچىلىكنى پاش قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش مەسىلىسى.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، نۇر مەھەممەد ياسىن، مەھبۇبە ئابلەش، مەھەممەدجان ئابلا، غەيرەت نىياز، دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرى ھازىرغا قەدەر خىتاي تۈرمىلىرىدە، گەرچە مەھبۇبەنىڭ تۈرمە مۇددىتى ئاللىقاچان توشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۇنى تېخىچە تۈرمىدىن چىقارمايۋاتىدۇ.