يوقاپ كەتكەن خىتاي ئۆكتىچىنىڭ قىزى ئوبامادىن ياردەم سورىدى

يوقاپ كەتكەن خىتاي ئۆكتىچى گاۋجىشىڭنىڭ ئامېرىكىدا ياشايدىغان 17 ياشلىق قىزى گرەيېس جېڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامادىن ياردەم سوراپ، دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما كورىيىدە ئېچىلىدىغان گ -20 يىغىنىدا خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، گاۋنىڭ قىزى بۇ ئۇچرىشىش ئالدىدا دادىسىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، ۋال ستېرت ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: "پرېزىدېنت ئوباما، سىزمۇ ئىككى قىزنىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن خۇ جىنتاۋدىن مېنىڭ دادامنىڭ قەيەردىلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭ. ئەلۋەتتە مېنىڭ دادام پەقەتلا بىر ئادەم. ئەمما شۇنىسى ماڭا ئايانكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قانۇنىنى دەپسەندە قىلىشقا داۋام قىلىدىغانلا بولسا، بۇنداق تەقدىر باشقا دادىلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ."

گاۋ جىشىڭنىڭ قىزى، دادىسىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا خىتاي ساقچىلىرىدىن تاياق يىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئادۋوكات گاۋ جىشىڭ "جۇڭگونىڭ ۋىجدانى" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى ھۆكۈمەت زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دىنىي زاتلار ۋە ئاۋام پۇقرانىڭ دېلوسىنى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن.

گاۋ جىشىڭ 2006 - يىلى بىر قېتىم "دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ جازا مۇددىتىنى تولدۇرۇپ قايتىپ چىققاندىن كېيىن 2009 - يىلى، 2 - ئايدا ساقچى دائىرىلىرى ئۇنى قايتىدىن تۇتۇپ كەتكەندىن بۇيان ئۇنىڭ قايتا ئىز - دېرىكى بولمىغان.

ھازىر گاۋ جىشېڭنىڭ مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.