شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان يارىدارلار 30 نەچچىگە يەتكەن. نەچچە ئونلىغان كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى چۇڭچىڭ شەھىرىدىمۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئىشچىلار « قىزىل ناخشا ئېيتىش» ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.
5- ئاينىڭ ئاخىرى ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، خۇبىي ۋەسىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ساقچى ھەم ئەسكەرلەرنى ئاجرىتىپ، نامايىشلارنى باستۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە دائىرىلەر گۇاڭجۇدا يۈز بەرگەن سىچۈەنلىك ئىشلەمچىلەرنىڭ نامايىشىنى قوراللىق بېسىقتۇرغاندىن كېيىن 19 ئادەمنى «جەمئىيەت ئامانلىقىنى قالايمىقان قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما دائىرىلەر نامايىش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان نەچچە يۈزلىگەن ئىشلەمچىلەر ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.