5 - ئىيۇل نامايىشىدىن كېيىن خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى بايات ئېلان قىلىپ، نامايىشقا ئالاقىدار 1500 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەگەر بۇ نۆۋەت تۇتۇلغان 718 ئادەم يېڭىدىن تۇتۇلغانلار بولسا، شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئېلان قىلغان قولغا ئېلىنغانلار سانى جەمئىي 2218 گە يېتىدۇ.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساننىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا نامايىشتىن كېيىن 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنلىرى نامايىش گۇماندارلىرى ئۇستىدىن سوت ئاچىدىكەن.