خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 2010-يىلى 11-ئايدىكى بىر دوكلاتىدا، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرنى تەشكىللەش تۈزۈمى» ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، 1989-يىلدىن كېيىن، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلاردىن «ئوقۇغۇچى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەر» دەپ ئاتالغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار تەشكىللەنگەن.

ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى لېكسىيىلىرىدىكى سىياسىي سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك مەزمۇنلارنى مەكتەپ دائىرىلىرىگە دوكلات قىلىش ئىكەن.

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ دائىرىلىرى ھەم ساقچى تارماقلىرىغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرى سەۋەبلىك، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتىدىن مەھرۇم قېلىش، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان ئىدىيىۋى قارىشى سەۋەبلىك ھەر خىل جازالارغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆپەيگەن.

بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا خىتاي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر سىياسىي تېمىدىكى مەزمۇنلارنى سۆزلىگىنى ئۈچۈن، دەرس بېرىشتىن توختىتىلغان، ھەتتا قانۇنىي جازاغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى تەسىراتىنى بايان قىلغان بىر ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەزگۈر تېمىلاردا سورىغان سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن، ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان خىتايدىكى تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەم تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئوخشاش سەزگۈر تېمىلار ھەققىدە دادىللىق بىلەن سوئال سوراپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلىشكە قىزىققان.

بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى مەزگىلىدە بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.